• بىر ئايلىق ئايرىلىش - [تور تەرمىلىرى]

    بىر ئايلىق ئايرىلىش
     نامرات مەكتىۋىمىزنىڭ توكى توختاپ قېلىپ ، تورغا چىقالماي ئىچىم پۈشۈپ يۈرگىلى بىر ئاي بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئىشخانىنىڭ توكىنى ئوڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق . تورغا چىقىپ شۇنداق يايراپ كەتتىمكى ، ئايھاي ! تۇرۇپلا بۇنچىكى دەرىجىدە تىت - تىت بۇلۇش ۋە ئويلىغۇسىز خوشاللىقتىن مەڭدەپ قالدىم .. مەن تورغا خۇمار بۇلۇپ قالمىغاندىمەن ھە !؟ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مائارىپ ئىنىستوتىدا بىلىم ئاشۇرىۋېتىپ ، دەرستىن قېچىپ يۈرۈپ كۈنبويى تورغا چىققىنىمدا ساۋاقداشلار مىنى تور خۇمارى بۇلۇپ قاپتۇ دىگەن ئىدى ، ھەقىقەتەن ئۈزۈلدۈرمەي تورغا چىقىشنىڭ نەتىجىسى تۇتقاقلىق خاراكتىرلىك باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بۇلۇش بىلەن ئاياقلاشقان . تالاي

  • alimama سىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
     كۆپلىگەن دوستلار بىلوگ ياكى تور بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ، ئازراق ئېلان قۇيۇپ ، ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ كىرىم قىلىشنى ئويلايدۇ ، لىكىن بەزى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە ئېنگىلىزچىدىن خەۋىرى يوقلار ...

  • تىپىك زامانىۋى مەسەل - [مائارىپ]

    تىپىك زامانىۋى مەسەل

     كۆزلىرى پىلدىرلاپ قالغان بىر ياشانغان ئادەم تىترەپ تۇرۇپ ، لەۋلىرىنى ئاران مىدىرىتىپ ، نەۋرىسىگە دەپتۇ : "بالام ....... ئوقۇتقۇچىلارنىڭ .......مائاشى ......ئۆسكەن چاغدا ......بىر قەغەزگە ......يېزىپ ......قەۋرەمدە كۆيدۈرگىن ......... مەن ئۇ ئالەمدە ......بولسىمۇ مەبلەغ .........سالاي ....."، بالا " مەن چوقۇم تىرىشىپ شۇ كۈنلەرگىچە ياشايمەن " دەپتۇ . نەۋرىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بوۋاي ،خاتىرجەملىك بىلەن كۆز يۇمۇپتۇ .....نەچچە ئون يىلدىن كىين ، بىر بەدەنلىرى ياغاچتەك بۇلۇپ قالغان ، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بوۋاي ، قەۋرىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ :" نەۋرەڭ ۋاپاسىزكەن ، نەچچە ئون يىلدىن بويان مەن شۇنچە كۈتسەممۇ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تەڭشىگەن كۈننى كۆرەلمىدىم

     

  • < ئامانلىق ساقلىغۇچى> ماشنا ئادەم - [خەۋەرلەر]

    ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ياپۇنىيە ئالىملىرى بىر <ئامانلىق ساقلىغۇچى > ماشنا ئادەمنى كۆرگەزمە قىلغان ، بۇخىل ماشنا ئادەمگە يېڭى بىرخىل سېنزور ئورنىتىلغان بۇلۇپ ،  ئوغرى تۇتۇش ئىقتىدارىغا ئېگە ئىكەن  ، ئاپتۇماتىك ھالدا تور پۈركۈپ ، گۇماندارنى تۇتىۋالىدىكەن ۋە نەق مەيدان سۆرىتىنى ئېگىسىنىڭ يان تېلفۇنىغا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن .

  • 34 ماشنا ئادەم ياسىغان دېھقان - [خەۋەرلەر]

      34   ماشنا ئادەم ياسىغان دېھقان
    بېيجىڭ شەھرى توڭشىيەن ناھىيىسى خۇوجېن بازىرى ماۋۇ كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدا سۆھبەت بۇلۋاتاتتى . ئۆي ئىگىسى ۋۇيۈلۈ مۇخبىرنىڭ سورىغان سۇئالىغا تېرىككەن ھالدا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى :< ھەركۈنى ئوخشاش بولمىغان خەۋەر ۋاستىلىرى مىنى زىيارەت قىلغىلى كېلىدۇ . ئەڭ كۆپ بولغاندا بۇ ھويلىغا 10نەچچە جاينىڭ كېلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامىركىنىڭ ، ئەنگىلىيەنىڭ ، گوللاندىيەنىڭ ، گىرمانىيەنىڭ ..... سىز مىنىڭ قايسى ئەھۋالىمنى ئېگەللىمەكچى ؟ سىز تورغا چىقىپ بىرلا تەكشۈرسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز ...>
    ۋۇيۈلۈ مۇخبىرنى مېھمانخانا ئۆيگە باشلاپ كىردى . ئۆيدە ئىككى پارچە پاتنىت كىنىشكىسى ۋە نۇرغۇنلىغان شەرەپنامىلەر تۇراتتى ، ئۇ مۇخبىرغا <ئالدىراشلىقتا رەتلەپ قۇيۇشقا چولا تەگمىدى > دەپ غۇدۇڭىشىدى ۋە <17ياش چېغىمدا مەن بىرىنجى ماشنا ئادەمنى ياساپ چىقتىم ، ئۇنى "ۋۇ چوڭام " دەپ چاقىرىشقا ئادەتلىنىپ قالدىم ، كىيىنكىلىرىنى بولسا "ۋۇ...." دەپ 
     "

  • 《QQ سىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن》 - [تور تەرمىلىرى]

    《QQ سىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن》

    ئەسلى مەنبە :http://owqi007.blogbus.com/logs/38622067.html

    تېنىچ ئوكيان تورىدىن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ تېخنىكا كۈچىنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. تېڭشۈن شىركىتى ئىشلىگەن QQ يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىغاندىن كىيىن، ئۇ سىزنىڭ كومىپيۇتېردا قىلىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكىتىڭىزنى ۋە پۈتكۈل كومىپيۇتېرىڭىزدا ساقلانغان ماتېرىياللارنى نازارەت قىلالايدىكەن.

    تورداشلار بۇنىڭ چىنلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    بىرىنچىدىن، 3.15 تېلىۋېزىيە پروگراممىسىدا، تېڭشۈن شىركىتى بەزى تورداشلارنىڭ تورخانىدا QQ غا چىقىپ پاراڭلىشىۋاتقاندا، ج خ ساقچىلىرىنىڭ كېلىپ تۇتۇپ كەتكەنلىگىنى ئاشكارىلىغان. تېڭشۈن شىركىتى ئەزالارنىڭ پۈتكۈل ھەرىكىتىنى نازەت قىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تورخانىدا QQ ئىشلەتكەن ئەزالارنىڭ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ياكى قانۇنسىز قىلمىشىنى بايقاپلا قالسا، ئۇنى ج خ ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىغىنى ئاشكارىلىغان.

  • دۇنيا رەقەملىك كۇتۇپخانىسى تور پۇنكىتى 22 – ئاپرېل رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . دۇنيادىكى بارلىق تور ئەھلى ئىنتېرنېت تورىغا ھەقسىز كىرىپ ، رەقەملىك كۇتۇپخانىدىن ھۈججەتلىك ماتېرىياللار ھەم مەدەنىيەت – سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرەلەيدۇ . شۇ ۋاقىتتا ، نۇرغۇن سۈرەت ۋە ماتېرىيال بۇ تور پۇنكىتىدا ‹‹ تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ ›› . 19 دۆلەتتىن 26 ھەمكارلىق ھەمراھى بۇ پىلانغا قاتناشتى .

           رەقەملىك كۇتۈپخانىدا ساقلانغان ئەسەرلەر ئارىسىدىن كىشىلەر جۇڭگو دۆلەت كۇتۇپخانىسى تەمىنلىگەن چىغىناق تاغاق يېزىقى ۋە تاش ئابىدىلەرگە دائىر ماتېرىياللار ھەم مىسىر تەمىنلىگەن قەدىمقى ئەرەب ئىلمىگە دائىر ئوقۇشلۇقلارنى كۆرەلەيدۇ ، شۇنداقلا برازىلىيە تەمىنلىگەن لاتىن ئامېرىكىسىغا دائىر كونا سۈرەتلەر ۋە ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان تۈركىيىنىڭ ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى ، سۈرەتلىرىنى

  • يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار
    2009– يىل4– ئاينىڭ28– كۈنى 12:23 شىنجاڭ گېزىتى
    ئايتىللا ئۆمەر
    يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى(سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش) سەۋىيىسى شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە قارىغاندا تۆۋەنرەك، بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا تىلدا ئالاقە قىلىش مۇھىتىنىڭ بولمىغانلىقى، خەنزۇ تىل يېزىقىنىڭ ئوقۇلۇش، يېزىلىش، جۈملە تۈزۈلۈشى، تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭكىگە ئوخشاشمىغاچقا، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى دەرسى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم:

         1. ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئەمەلىيىتىدە يىراق مۇساپىلىك زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ

     

  • 39يىلدىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى رىكورتلۇق تىمپىراتۇرا - [خەۋەرلەر]

    39يىلدىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى رىكورتلۇق تىمپىراتۇرا
     بۇيىل 4- ئاي <ئاتەش ماكانى > دەپ ئاتالغان تۇرپان ئويمانلىقىدا ، 39يىلدىن بويانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرىلىق رىكورت يارىتىلدى .
    يېقىنقى يىللاردىن بويان ، ئۈرۈمچىدە كۆپ قېتىم يامغور يېغىپ ، ھاۋا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ قوشنىسى بولغان تۇرپان ، توقسۇن رايۇنلىرىدا يەنىلا   31 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تىمپىراتىرا   ھالىتى ساقلانماقتا . تۇرپان مېتورولوگىيە

  • ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى 9 پەرق [يېڭى ]
    1. قىز ئوغۇل پەرقى - قىزلار تەبئى پەننى تاللىغان بولسىمۇ ، تەبئى پەنگە تىزىملىتىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس ، ئۇنداق بولمىغاندا مەكتەپكە بارغاندىن كىين ، ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇيدىغان كەسپىڭىزنىڭ سىتانۇك بىلەن ھەپىلىشىدىغان كەسىپ ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە تەن قۇۋىتىڭىز قول سېلىپ ئىشلەشكە يار بەرمەي پۇشايماندا ئاھ ئۇرۇپ قالىسىز .

    2.رايۇن پەرقى - جەنۇپ تەرەپلەرنىڭ موھىتى ئوبدان ، دەريا- تاغلىرى گۈزەل ، ئىسسىق ؛ شىمال تەرەپ توپا-چاڭ ، سوغاق بولسىمۇ ، سىياسى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە يېقىن < ئوتى بار جاينىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بارنىڭ ئوتى
    .>.